باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسىدە كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققان ئىشچىلارغا تۆت مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق ياشانغاندا بېقىنىش سوممىسى تارقىتىلدى

2015.05.15 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : مۇخبىرنىڭ 13 – ماي كۈنى بۈگۈر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىللىشىچە ، بۇ ناھىيە ناھىيە تەۋەسىدىكى كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققان ئىشچىلارنىڭ 2015 – يىللىق ياشانغاندا بېقىنىش پۇلىنى تەڭشەش خىزمىتى ئومۇمىيۈزلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۇدا 11 يىل ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . بۇ ناھىيە كارخانىدىن ئارامغا چىققان ئىشچىلارنىڭ ياشانغاندا بېقىنىش پۇلى ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ، 12 - مايغىچە 1994 نەپەر كىشىگە 4 مىليۇن 480 مىڭ يۈەن 1 – پەسىللىك ياشانغاندا بېقىنىش تولۇقلىمىسى تارقاتتى . بۇنىڭ بىلەن ، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق ياشانغاندا بېقىنىش پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا 224.8 يۈەن ئېشىپ ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق مۇئاشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1905.87 يۈەنگە يەتتى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر