- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ ۋېنشىڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى
2015.05.15 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئۈرۈمچى، سانجىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك كومىتېتنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن «رەھبىرىي كادىرلار قىلىشقا تېگىشلىك «ئۈچ پۇختا، ئۈچ مۇستەھكەم»دىن ئۆرنەكلەر»نى تېما قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، چۈشىنىش ۋە تونۇشلىرىنى ئەركىن ئازادە سۆزلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى مىڭدەك رەھبىرىي كادىرلارغا بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەلىك، مەزمۇنى جانلىق بولغان مەخسۇس تېمىلىق دەرس سۆزلىدى. مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرىسىگە شەھەرلىك كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېنشىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ۋېنشىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. (تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر