- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۈگۈر ناھىيەسى ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى « نۆل » گە چۈشۈرۈشنى چىڭ تۇتتى
2015.05.14 09:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتىدىكى 6 نەپەر دائىمىي كومىتىت ئەزاسى ۋە جەمىيەتتىن تەكلىپ قىلىنغان پارتىيە ئىستىلى ، پاكلىق قۇرۇلىشى خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار 5 – ئاي كىرگەندىن بۇيان 6 گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 11 يېزا ، بازار ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق 79 ئىدارە ، ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ ، مەسىلە بايقالغان بىر قىسىم ئىدارە ، ئورۇن ۋە 27 نەپەر كادىرغا قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەش ئېلىپ بېرىپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىدى .
بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىدلەنگەن ئورۇن ۋە شەخىسلەر ئاساسلىقى خىزمەت يۇقلىمىسىنى باشقۇرۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش قېلىپلاشماسلىق ؛ خىزمەت ئىنتىزامى ۋە دىجۇرنىلىك قىلش يېتەرلىك بولماسلىق ، تازىلىقى ناچار بولۇش ؛ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمىلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق ياكى تەلەپ بۇيىچە ئورۇنلىماسلىق قاتارلىق ھالقىلارغا چېتىلىدۇ .
بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ پارتىيە ئىستىلى ، پاكلىق قۇرۇلىشىغا ئالاقىدار يوليۇرۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، « خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ، ئەمىلىلەشتۈرۈشنى تۇتۇش يىلى » پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، يۇشۇرۇنچە چوڭ يەپ ، چوڭ ئىچىش ، ھۆكمەت ئاپتۇمۇبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش ، خىزمەتكە كېچىكىپ بېرىپ بالدۇر قايتىش ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ، خىزمەت ۋاقتىىسادا كومپىيۇتېر ۋە يانفۇندا تۈرلىك ئويۇن ئويناش قاتارلىق قىلمىشلارنى تۈپتىن تۈزەش بىلەن بىرگە ، جەمئىيەت پاش قىلىش ، ئامما ئىنكاس قىلىش ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىللەرنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىش سالمىقىنى ئاشۇردى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر