- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورلا شەھرىدە ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى
2015.05.14 09:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : 8 – ماي كۈنى كورلا شەھىرى شەھەر تەۋەسىدىكى 200 نەپەر ئايال كارخانىچىنى يىغىنغا چاقىرىپ ، « كورلا شەھرى ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىق » نى ئېلان قىلدى ، ھەمدە ، كارخانىچىلار جەمئىيىتىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى . بۇ جەمئىيەت كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىگىدە قۇرۇلغان سودا ساھەسىدىكى تەشكىلات بولۇپ ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى تۈرلىك سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلار ئۆزلىگىدىن قاتنىشىپ ، قانۇنلۇق ئاساستا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەر كەسىپ ، ھەر ساھەدىكى قانۇنىي ئىگىلەردىن تەركىپ تاپقان كوللىكتىپنى شەكىللەندۈردى .
بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلىشى كورلا شەھىرىدىكى ئايال كارخانىچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئىسلاھات ، تەرەققىياتقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ ، كارخانىلار ئارا ئالاقىلىشىش ، ھەمكارلىق ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، ئايال كارخانىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرى ۋە مۇھەپپىقىيەت تەجىربىللىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر