باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى بولدى

2015.05.13 16:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 12-ماي قاتتىق يامغۇر يېغىپ، نۇرغۇن يېزا-بازارلاردا لاتقا شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەردى. كەلكۈن كەنت، مەكتەپ، ئاھالىلەرنىڭ ھويلىلىرى ۋە تېرىلغۇ يەرلەردىن ئېقىپ ئۆتۈپ، يەرلىككە 30 مىليون يۈەنگە يېقىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى. خەۋەر يېزىلغان ۋاقىت (13-ئاپرېل 08:37 ) قىچە، بەختكە يارىشا ئادەملەر قازا قىلىش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە كۈنەس ناھىيەسىدىكى 326 ئاھالىنىڭ ئۆيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، 1125 مېتىر قورشاۋ تام، 16 قوتان ئۆرۈلگەن، 5225 مو ئېتىز سۇ ئاستىدا قالغان، 238 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 7700 مېتىر يول، 1500 مو ئوتلاق، 410 مو ئورمان، 23 قۇدۇق، 21 ئورۇندىكى كۆۋرۈك، 6000 مېتىر سۇ تۇرۇبىسى ۋەيران بولغان، 1000 مېتىر ئېرىق-ئۆستەڭ تىقىلىپ كەتكەن، كۈنەس دەرياسىنىڭ ئارالتۆبە بازار بۆلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسىدا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن، پاتقاقلىق ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىپ، 500 مېتىر قورشاۋ تام بۇزۇلغان. ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە، بۇ ئاپەتتە جەمئىي 30 مىليون يۈەنگە يېقىن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان. نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان 58 ئاھالە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، توسۇلۇپ كەتكەن X745 لىنىيەدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر