خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارېيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى يىن مىڭكۇي ( مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ) نىڭ پاراخورلۇققا چېتىلىش جىنايىتىگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپتەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى