- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقسۇ شەھىرىدىكى 196 مىڭ دېھقان ئېتىبار تولۇقلىما مەبلىغىدىن مەنپەئەتلەندى
2015.05.11 10:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاقسۇ شەھىرى بۇ يىل دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ شەھەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مالىيە، سودا – سانائەت، سەھىيە قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تولۇقلىما مەبلىغىنى تارقىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، <<دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش تولۇقلىما مەبلىغىنى نەق پۇل ئارقىلىق تارقىتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى>>نى بېسىپ تارقىتىپ، دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش تولۇقلىما مەبلىغىنى نەق پۇل ئارقىلىق تارقىتىش خىزمىتىنىڭ نىشانى، مەزمۇنى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە خادىملارنى يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ دېھقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى.
ئىگىلىشىمچە، 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاقسۇ شەھىرى دېھقانلارغا ئېتىبار تولۇقلىما مەبلىغىدىن 516 مىليون يۈەن تارقىتىپ، 196 مىڭ دېھقاننى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر