باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا ۋەكىللىرى بەش دۆلەتتىكى بازارلارنى تەكشۈرۈشكە بارسا، ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ

2015.05.11 09:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى چېكىنىش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش، بازارنى يەنىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە يېقىندا «نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى چېكىنىشكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ» نى تارقاتقان. تەكلىپكە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا ۋەكىللىرى تاجىكستان، پاكىستان، رۇسىيە، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك، سۇچىلىق، ئېلېكتىرون بازارلىرىنى تەكشۈرۈشكە چىقسا، تولۇقلىمىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى قولاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكسپورت بازىسى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قاتارلىق تۈرلەردە ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر