باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ يېڭىدىن تەڭشەلگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قانداق ئەۋزەللىككە ئىگە؟

2015.05.11 09:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 10 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنداق خۇش خەۋەر تارقالدى: بۇ يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ، كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېيىغا 236 يۈەن قوشۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 882 مىڭ كارخانا پېنسىيونېرى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.

  ئۇنداقتا، بۇ قېتىملىق تەڭشەشنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان قانداق تەرەپلىرى بار؟ مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىدىن سۈن جەنشۆنى زىيارەت قىلدىم.

  مۇخبىر: 2015 – يىلى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟

  سۈن جەنشۆ: بۇ قېتىملىق تەڭشەش 2005 – يىلىدىن بۇيانقى 11 – قېتىملىق تەڭشەش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ داۋاملىق ئارتىشى، ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىرىشچان ۋە مۇرەككەپ بولۇشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولۇشىدەك چوڭ ۋەزىيەت ئاستىدا، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئەل رايى خىزمىتى. بۇ خىزمەت گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەل رايىنى ئەلا بىلىپ، ئامما بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. بۇ قېتىملىق تەڭشەش، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مۇخبىر: قانچىلىك ئادەم بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن بەھرىلىنەلەيدۇ ھەم ئۇنىڭ دائىرىسى قانداق بەلگىلەنگەن؟

  سۈن جەنشۆ: 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 882 مىڭ كارخانا پېنسىيونېرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەڭشىلىدۇ. بۇنىڭدا 2014 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن رەسمىي پېنسىيەگە چىققان كارخانا خادىملىرى بۇ قېتىملىق تەڭشەشنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئىنقىلابقا قاتناشقان، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇرۇنقى (1983)3 – نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەسلىدىكى مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان پېشقەدەم ئىشچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولغان خادىملار بۇ قېتىملىق تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  مۇخبىر: بۇ قېتىملىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تەڭشىلىشى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟

  سۈن جەنشۆ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ، خىزمەت ئىستاژىنى تەڭشەش، يۇقىرى ياشتىكىلەر تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان خادىملارنىڭ كۈتۈنۈش ئەڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى تارقىتىش ھەم قىيىنچىلىقى بار رايون، چېگرا رايوندىكىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسىنى تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرۇپ كۆپ ئېرىشىدىغان، كۆپ تاپشۇرۇپ كۆپ مەنپەئەتلىنىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مېخانىزمىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز 2015 – يىلى كارخانا پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەشتە، بۇرۇنقى تەڭشەش ئۇسۇللىرىغا داۋاملىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، شەخسنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سوممىسىنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە تەڭشەشنى يولغا قويدى. بۇ، بۇ يىللىق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. بۇنداق تەڭشەش سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى خىزمەتتىكى ۋاقتىدا سۇغۇرتا سوممىسىنى ئۇزاق ۋاقىت، كۆپ تاپشۇرۇشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر