باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيە بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى

2015.05.11 09:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7 – ماي ئۈرۈمچىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى. ‹‹ھەمكارلىق پىلانى›› بويىچە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 130 نەچچە رەھبەر ۋە ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بۇ بىر ھەپتىلىك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كۇرسانتلاردىن ھال سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەتتە، ئەركىن تۇنىياز تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مەكتەپلەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق ئىگىلەپ، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تولۇق تونۇپ، خەۋپ – خەتەر ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە ئومۇملۇق ئېڭى، شۇنداقلا بۇ خىزمەتتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىرىنچى، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتكە بولغان مۇھىم تونۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ‹‹ئىللىق بولۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئۆتكەلنى چىڭ ساقلاش›› ئارقىلىق، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى 2008 – يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 16 قارار ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەمكارلىشىۋاتقان مەكتەپلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن جەمئىي 1800 ئادەم / قېتىم تەربىيەلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىملارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر