باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراماي ساياھەت رايونلىرىنىڭ بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى

2015.05.07 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ماي ئايلىرى، قارامايدا ساياھەتچىلىكنىڭ تازا قايناق ۋاقتى بولۇپ، شەيتانكەرەش قاتارلىق جايلار نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. 5-مايلىق ئارام ئېلىشتا، 24 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر قارامايغا كېلىپ گۆھەر ئىزدىدى، ساياھەت قىلدى.

  ساياھەت ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرى بىر تۈرلۈك يۈرۈشلۈك ھەمكارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ساياھەت، گۆھەر ئىزدەش، دۇنيا ئالۋاستى شەھەرچىسى، قاراماي تېغى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا يەنە ئېتىبار پائالىيەت قانات يايدۇرۇلۇپ، 1-مايدىن 30-ئىيۇلغىچە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى يېرىم باھادا، يەرلىك شەھەر ئاھالىلىرى كىملىكىگە تايىنىپ ھەقسىز بېلەتكە ئېرىشەلەيدىغان بولدى. قاراماي روڭخۇي ساياھەت شىركىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ليۇ جوڭشياڭ مۇنداق دېدى: «توڭچېڭ تورى ۋە چۈنار دىن بېلەت سېتىۋالسىمۇ، ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن، بىز نېفىتكە ئالاقىدار بىر قىسىم ئەسلىھەلەرنى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. ھازىر نېفىتقا ئالاقىدار خاتىرە بويۇملارنى چىقارماقچى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەتراپىدا ئۆزگىچە بولغان ماي تارتقۇچ ۋە يىقىلماس توغراقلار بار.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر