خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە مۇئاۋىن شۇجىسى رىزۋان ئەبەي شىنجاڭ قىز ـ ئاياللار ئۆمىكىنى باشلاپ سەئۇدىي ئەرەبىستان پايتەختى ئابۇزەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ئەرەب دۆلىتى قىز ـ ئاياللار مۇنبىرى»گە قاتناشتى. بۇ مۇنبەر «قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلىتىدىكى ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئايال كارخانىچىلار، ئايال قول ھۈنەرۋەنلەر شۇنداقلا يەرلىكتىكى قىز ـ ئاياللار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 200دەك ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى