- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىدە لېكسىيە سۆزلىدى
2015.05.07 15:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان ، خەۋەرى:27-ئاپرېل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سەييارە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىدە 4 مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ 8000 غا يېقىن ھەر مىللەت ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۈلئاۋات يېزىسى، ئارال بازىرى، ئىشلەمچى يېزىسى، ئونسۇ بازىرىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ھەمدە ئاممىغا نادىر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.گۈلئاۋات يېزا ئاھالىسى غەيرەت سايىت مۇنداق دېدى: بۈگۈن قەلبىنۇر ھەدەم بىلەن غەيرەت تاغام ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە زوراۋانلىق تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە ئائىت مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن زوراۋانلىق تېررورلۇققا قەتئىي قارىشى تۇرىمەن.ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق يېزا لاپا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قەلبىنۇر سۇلايمان لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى ، شۇنداقلا ئاۋات ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئەسلىدە خۇشال- خۇرام ھالدا مەكتەپتە ئوقۇيتتى. 2014-يىلى دادىسى دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن بىر قىز ئۈچۈن ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ئىش بولدى. لېكسىيە داۋامىدا ئۇ دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابى ۋە دىنى ئەسەبىي ئىدىيەگە بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىكىنى سۆزلەپ نەق مەيداندىكى ھەر بىر ئادەمنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
گۈلئاۋات يېزىلىق شىپاخانىنىڭ تېببىي خادىمى گۈلمەرەم ئوسمان مۇنداق دېدى:ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك لېكسىيە سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر خادىملار بولۇپ، ئوقۇتقۇچى، كادىر، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات ۋە دېھقانلارمۇ بار ئىكەن. لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى 2 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ 20-ئاپرېلدىن باشلاپ ۋىلايەت بويىچە لېكسىيە سۆزلىگەن. ھەر بىر ناھىيە شەھەردە 4 مەيدان لېكسىيە سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەمىز ئەڭ ئاخىرقى بېكەت ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر