باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى

2015.05.07 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان، ئەزىمەت توختى خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «12-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ ناھىيە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ يېتەكلىشى، قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، ئېچىش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋە قاتنىشىش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۆلەش- ئېچىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نامرات نوپۇس يىلدىن يىلغا ئازىيىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ستاتىستكىغا ئاساسلانغاندا، 2010- يىلىدىن 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە 1354 ئائىلىلىك 5972 ئادەم نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇلۇپ، قايتا نامراتلىشىش نىسبىتى %3 دائىرىدە تېزگىنلەندى، نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2010- يىلىدىكى 1417 يۈەندىن كۆپىيىپ 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدا 2589 يۈەنگە يىتىپ، %82.71 كۆپىيىپ، يىلىغا %16.54 ئاشتى، نامرات نوپۇسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، تۇرمۇش سۈپىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر