باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ بازىرى ئېقىن بۇيى كەنتى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى بىلەن 4-ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2015.05.07 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان ، خەۋەرى:28- ئاپرېل،ئونسۇ بازىرنىڭ ئېقىن بۇيى كەنتىدىكى كادىر ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى بىلەن 4-ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن دېھقان چارۋىچىلار كەنت كومىتېت قۇرۇسىغا يىغىلدى. ئادەم تىقما تىقماق بولۇپ بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى.پائالىيەت ئونسۇ ناھيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 50 يۈرۈش ئۈستەل ئورۇندۇق ئىئانە قىلىشى بىلەن باشلاندى. دېھقانلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا ئۇسۇل، ئېتۇت قاتارلىق نومۇرنى ئورۇنلىدى. ئارقىدىن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  ئېقىن بۇيى كەنت كومىتېتىنىڭ مەبلىغى قىس بولغاچقا ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيىدە ئۈستەل ئورۇندۇق كەم ئىدى. ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئېقىن بويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ كەنتكە 10 نەچچە مىڭ يۈەن قىممىتىدە 50 يۈرۈش ئۈستەل ئورۇندۇق ئىئانە قىلدى. بۇ ئۈستەل ئورۇندۇقلارنىڭ ئىئانە قىلىنىشى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن يەنە بىر ئۇنتۇلغۇسىز بايرام بولدى.

  ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىن ئېقىن بويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى ئايگۈل رېھىم مۇنداق دېدى:پائالىيەت داۋامىدا يەنە كەنتتىكى 16 نەپەر ئاشلىق تېرىش ،باغ ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ماھىرلىرى تەقدىرلەندى.ئاخىرىدا ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى تەكلىپ قىلغان داۋالاش ئەترىتى كەنتتىكى تۆت پېشقەدەملەر ۋە دىنى زاتلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر