باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى

2015.05.07 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان ، خەۋەرى:يىلدا بىر كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 27-ئاپرېل باشلاندى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى 3 كۈن بولۇپ جەمئىي 1228 ئوقۇغۇچى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش دۆلەت ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى سىنايدىغان مۇھىم خىزمەت؛دۆلەتنىڭ ئىقتىساسلىقلارنى تاللاش سۈپىتى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىش. بۇ خىزمەتنىڭ تەلەپ بويىچە ياخشى ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھەرقايسى بۆلۈملەردىن مول تەجرىبىگە ئىگە غوللۇق خادىملارنى ئاجراتتى ھەمدە ئۇلاردىن قانۇن ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەلەپ بويىچە ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش يىللاردىكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، كۆز بۆلۈمى، قۇلاق ئېغىز بۇرۇن بۆلۈمى ۋە كۆكرەكنى رېنتىگىندا تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېببىي خادىملار ئوقۇغۇچىلاردىن تەكشۈرۈشتىن 3 كۈن بۇرۇن دورا يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك،بەك مايلىق يېمەكلىك يېمەسلىك؛ كېسەل داۋالىتىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن دورا ئىچىش زۆرۈر بولسا تەكشۈرگەندە دوختۇرلارغا ئېيتىشقا ئەسكەرتىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر