خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) باي ناھىيەلىك شتات كومىتېتى، ئارخېب ئىدارىسىدىن ئومباش يېزىسى چومۇكا كەنتىگە «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلار كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىستىن سىرت ۋاقىتلاردا ئۆزلىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ خەنزۇچە ئۆگىتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى، ھازىر بۇ سىنىپتا خەنزۇ تىلىنى كۈچەيتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى 28 دىن 103 نەپەرگە يەتتى.
سۈرەتتە: كادىرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە خەت يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
مەنبە: خەلق تورى