خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ئاۋات ناھىيەسى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دېھقانلار رەسىملىرى ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى كۈچىدى، ناھىيە بويىچە ھەرقايسى كەنتلەرگە 20 مىڭ پارچە دېھقانلار تەشۋىقات رەسىمىنى تامغا چاپلىدى، كۆرگەزمە قىلدى.
سۈرەتتە: ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت پونكىتى «دېھقان رەسساملار يۇرتى» دا دېھقان رەسساملار رەسىم سىزماقتا.
مەنبە: خەلق تورى