باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەھەر، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى GDPدىن ئېشىپ كەتتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1–پەسىللىك ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا يەشمە(2)

2015.05.06 11:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى شىن

  ئىقتىسادقا ئالاقىدار تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە پۇقرالار ‹‹ھەميان›› ىنىڭ قانچىلىك تومپىيىدىغانلىقىغا ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ يىل 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇپ، ھەممىسىدە مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى بىرلىشىپ 21 – ئاپرېل ئاچقان ئاپتونوم رايونىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ 2015 – يىلى 1 – پەسىللىك ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىمچە، 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، بازار ئاھالىسى بىلەن يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن 2.4 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى GDP دىن ئېشىپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، پۈتكۈل ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %11.3 بولۇپ، GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 4.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. شەھەر، بازار ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %9.4 بولۇپ، GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %12.1 بولۇپ، GDP نىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەي جۇخەي مۇنداق دېدى: مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ۋە يۆتكىمە ساپ كىرىم شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئېشىش نۇقتىسى. مائاش خاراكتېرلىك كىرىم كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇلۇپ، خىزمەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر مائاشىنىڭ نورمال ئېشىش مېخانىزمى كىرىمنىڭ ئېشىشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پاراۋانلىق ئىش ئورنى ۋە پاراۋانلىق ئىش ئورنى كىرىمىنىڭ ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە روزىغارلىق بازارلىرى خېلى ئاۋات، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشى بولۇپ، شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ روزىغارلىق ئىشلىرىدىن قىلغان كىرىمى ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئۆي ئىجارىگە بېرىشتىن قىلغان كىرىمىمۇ خېلى ئاشتى، بۇ يىل شەھەر، بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆلچىمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى، بۇنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، بازار ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ GDP نىڭكىدىن ئېشىشىدىكى سەۋەبتۇر.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىپ، بازارلارنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرغان، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىپ، تىجارەت كىرىمى ئاشقان. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تاماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن 117 مىڭ 200 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپىيىشى كىرىمنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولغان.

  تەي جۇخەي يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، يېزا ئاھالىسىنى دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۈرلۈك شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كەسىپ تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ئېشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كېڭەيدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، مەسىلەن: ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش بىلەن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى، يېزا كادىرلىرىنىڭ مائاشى، يېزىلاردىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم›› لەرنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە دىن خىزمەتچىلىرى ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆستۈردى ھەم يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ئۆستۈردى. دېھقانچىلىقنىڭ قىشلىق ئارىسالدى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. جايلارنىڭ يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ كىرىمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشۇرۇش ئارزۇسى كۈچىيىپ، ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، ئەمگەك – مۇلازىمەت كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتىدۇ.

  پاختا باھاسى تولۇقلىمىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋاقتىدا تارقىتىش ۋە نەقلەشتۈرۈشمۇ ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىكى بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر