- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سېلىنما ئاشتى ھەم ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى، تەرەققىيات ئاساسىمۇ پۇختىلاندى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1–پەسىللىك ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا يەشمە(1)
2015.05.06 11:13 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قۇرۇلۇش قىلىش ئەترىتى 21 – ئاپرېل ئۈرۈمچى تۆمۈريول كونتېرنىر مەركىزىي بېكىتى تۈرى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى، قۇرۇلۇشقا بۇ يىل 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتناش 1 – نومۇرلۇق لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ يېڭى ۋوگزالى، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاتلاندى.
بىر قاتار مۇھىم قۇرۇلۇشلار، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاش بېسىمىگە تاقابىل تۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختىلاندى.
سېلىنما ئىزچىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى ‹‹ئىتتىرگۈچ›› بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 45 مىليارد 734 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، 1 – ، 2 – ئايدىكىگە قارىغاندا 11.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى قايتىدىن تېزلىشىپ، قۇرۇلمىنىڭ تەدرىجىي ئەلالاشقانلىقى ‹‹ئىتتىرگۈچ›› نىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بېسىم ئاستىدا ‹‹1 – موتور›› ئۈنۈملۈك كۈچىدى
بۇ يىل باھاردا، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولدى.
ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى بۇلتۇرقىدىن كۈچىيىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى بۇلتۇرقىدىن زور بولدى. سانائەت، مالىيە، مال باھاسى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئۆي – جاي سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى سەككىز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىشلارنى مۇقىم باشلىۋالدى، مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدە يەنىلا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار پەيدا بولدى. 1 – پەسىلدە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتى %27.5 ئاشتى، جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %20 تىن ئاشتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى %17.7، ئۇچۇرلاشقان ئېلېكتىرون ياسىمىچىلىقى %18.1، يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت كەسپى %14.3 ئاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: ھەقىقىي كۆرسەتكۈچلەر ياخشى تەرەپكە يۈزلەندى. توك چىقىرىش مىقدارى، قەرز پۇل قالدۇقى، ئايرودۇرۇم – ئايروپورتلارنىڭ يولۇچىلار مىقدارى، يۈك مىقدارى قاتارلىقلار ئېشىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى سودا ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكى ئىقتىسادنىڭ ئومۇمەن ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، كاپىتال بازىرىدا شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بۆلىكىدە پاي چېكى قىممىتىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %46.4كە يېتىپ، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆرلەش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى تۇرۇپ، بازارنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىشەنچىنى گەۋدىلەندۈردى. 3 – ئايدا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى ياخشى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قەيەردە؟ ئىسراتېگىيەلىك ئىرادە نەدىن كەلدى؟
سېلىنما بىلەن تۈردىن كەلدى.
يىل بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹تەرەققىيات، مۇقىملىق يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايلى›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى باشلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى ۋە تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، يۇقىرى دولقۇن ھاسىل قىلدى، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا ناھايىتى تېز راۋاجلىنىپ، ئەلى بابادىن كېيىن، تېخى يېقىندىلا ‹‹ۋېيپىنخۈي›› سودا تور دۇكىنى بىلەن شىنجاڭ تىجارەت باش بۆلۈمى قۇرۇش توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ھازىرقى باسقۇچتا شىنجاڭغا نىسبەتەن، سېلىنما ھېلىھەم ‹‹1 – موتور›› ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، سېلىنما يەنىلا ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئۈنۈملۈك تۇتقىدۇر.
مىقدار بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتىدۇ
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىغا تەۋە قۇرۇلۇش تۈرىدىن 2081 نى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان تۇردىن 519 ى بار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19 ى كۆپەيدى. يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان تۈرلەرگە 7 مىليارد 915 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، %34.7 ئاشتى.
بۇ پۇللار قەيەرگە ئىشلىتىلدى؟
ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىندى. 1 – پەسىلدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە 16 مىليارد 152 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، %32.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر يوللاش، كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ۋە يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ سېلىنمىسى 10.6 ھەسسە ئاشتى، سۇچىلىق، مۇھىت ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش سېلىنمىسى %58.5 ئاشتى. قاتناش ترانسپورت، ئامبار – ئىسكىلات ۋە پوچتا كەسپى سېلىنمىسى %40.6 ئېشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە سۇ ئىشلەپچىقىرىش – تەمىنلەش كەسپىنىڭ سېلىنمىسى %23.1 ئاشتى.
خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىندى. بىرىنچى پەسىلدە خەلق تۇرمۇشىغا 7 مىليارد 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، %32 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ %98.7، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا سېلىنغان مەبلەغ %94.9 ئاشتى، مائارىپ سېلىنمىسى %60.8 ئاشتى، ئىجتىمائىي كاپالەت سېلىنمىسى %32.5 ئاشتى، ئۆي – جاي كەسپىنىڭ سېلىنمىسى %23.6، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى، رېمونت قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ %22.4 ئاشتى.
بىرىنچى پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1 – ، 2 – كەسىپلەرگە سالغان مەبلىغى تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى. 1 – كەسىپكە 1 مىليارد 32 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇ %30 ئاشتى؛ 2 – كەسىپكە سالغان مەبلەغ 30 مىليارد 988 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.7 ئاشتى؛ 3 – كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 371 مىليون 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، %37.8 ئاشتى.
ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى گەرچە ئاستىلىغان بولسىمۇ، مەبلەغ قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ئەلالىشىۋاتىدۇ. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ياسىمىچىلىققا 14 مىليارد 545 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، سانائەت سېلىنمىسىنىڭ %47.6 ىنى ئىگىلەپ، 4.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرىلاپ، %17 ئاشتى؛ ئېنېرگىيەنى كۆپرەك خورىتىدىغان قىسمەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە رەڭلىك مېتال سانائىتىگە سېلىنغان مەبلەغ %59.5 تۆۋەنلىدى، كۆمۈر سانائىتىگە سېلىنغان مەبلەغ %41.4، نېفىت سانائىتىگە سېلىنغان مەبلەغ %21.4 تۆۋەنلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلىرى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىگە ئالاقىدار يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى، توقۇمىچىلىق تۈرىدىكى ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ تېز سۈرئەتتە ئاشتى. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاش، ياساش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 1.1 ھەسسە، توقۇمىچىلىق تۈرىدىكى ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %31.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك، زىبۇ – زىننەت تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 16.1 ھەسسە ئاشتى، خىمىيەلىك تالا ئىشلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 1.5 ھەسسە ئاشتى.
بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى جارى قىلدۇرۇلدى
شىنجاڭ ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىشنى يېتەكچى قىلىش تىپىدىكى ئىقتىساد بولغاچقا، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن ئېشىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن جەزمەن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇر.
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەمئىيەتكە تۇنجى تۈركۈمدە 53 ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تۈرلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش، ئېنىرگىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش، مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش، پاي قوشۇش، ئىجازەتلىك تىجارەت، PPP قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قۇرۇلۇش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، تۈر مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي كۆلۈمى 208 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ تەدبىردىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنىڭ چىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش، PPP ئەندىزىسىنى قوللانغاندا مەبلەغ سېلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۆۋەن سەۋىيەدە تەكرار قۇرۇش ۋە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قارىغۇلارچە كېڭەيتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پۇرسەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدۇر. كارخانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كارخانىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستىكى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى بىر تۈركۈم يۆتكەلمە كەسىپ تۈرلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك.
دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش مايىللىقىنى ئوتتۇرا رايون ۋە غەربىي رايونلارغا قارىتىشى شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىش سوممىسى زور، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك، ئومۇمىيلىق ۋە يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.
ئۆي – جاي سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق بەش تارماق ئالاقىدار يولغا قويۇش پىكرىنى تارقاتتى، دۆلىتىمىز يېقىندا يەنە بىر يۈرۈش ئۆي – جاي سىياسەتلىرىنى چىقاردى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئېنىقكى، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ مەسىلىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە تەكشۈرۈپ ئىجازەت بېرىش تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ يەنىمۇ قولايلىق، ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر