- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار كۆپەيدى
2015.04.30 14:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بايىنغۇلىن ئوبلاستى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يېزا ئىگىلىگىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ، خەلقنى بېيىتىشنى نىشان قىلىپ ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار تېپىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقتىن ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار كۆپەيدى .
بۇ ئوبلاست بازار ئەھۋالىغا قارىتا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلارنى مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەش ، سېتىش يوللىرىغا ياردەم بېرىش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇردى . نۆۋەتتە ، پۈتۈن ئوبلاست بۇيىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانا 438 گە ، ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 23 مىليارت 98 مىليۇن يۈەنگە يەتتى . كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار 133 كە ، بۇنىڭ ئىچىدە ، يىللىق سېتىش كىرىمى 100 مىليۇن يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا 39 قا يىتىپ ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر