باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى 12 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2015.04.29 22:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1 - پەسىللىك ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلاش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا دائىر 12 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئاچىدۇ. 5 - ئايدا بانكا، ئاكسىيە شىركەتلىرى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى، خۇسۇسىي فوند شىركەتلىرى، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان شىركەتلەر، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈپ كېپىل بولىدىغان شىركەتلەر قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن كارخانا ۋە سانائەت رايونلىرى(مەركەزلىرى)نى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى بىلەن كارخانىلارنى ئۇدۇللاشتۇرىدۇ.

  كارخانىلارنىڭ ئاكسىيە بېرژىسىدا ۋە «يېڭى 3 - بۆلەك»تە پايلىرىنى بازارغا سېلىشى، تاختاي ئېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بېكىتكەن «يېشىل يول» سىياسىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۈچ كارخانىنىڭ ئاكسىيە بېرژىسى(بۇ ئاساسلىق بۆلەك، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بۆلىكى، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا پېيىنى بازارغا سېلىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ 15 كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ «يېڭى 3 - بۆلەك»تە تاختاي ئېسىپ سودا قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 - يىلى «يېڭى 3 - بۆلەك» كارخانىلىرىنىڭ تاختاي ئېسىپ تەرەققىي قىلىش، ئالماشتۇرۇش - تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاچىدۇ. مەملىكەت بويىچە «يېڭى 3 - بۆلەك»نى باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى كارخانىلارنىڭ «يېڭى 3 - بۆلەك»تە مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، بازار سودىسى، پاي ھوقۇقى - ھەقدار مەبلىغىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، قوشۇۋېلىش، قايتا تەشكىللەش، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ بىلىم بېرىشكە، دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ «يېڭى 3 - بۆلەك»تە تاختاي ئېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «يېڭى 3 - بۆلەك»تە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارنى ئاكسىيە ئورۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ بازار سودىسى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىممىتىنى بايقاش، پاينىڭ ئوبوروتچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «يېڭى 3 - بۆلەك»تە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارنىڭ بازار سودىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

  شىنجاڭدا ئاليومىن نۆكچىسى قاتارلىق كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارغا سودا مەركىزى قۇرۇش تەييارلىقى قىلىنىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاليومىن نۆكچىسى قاتارلىق كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار سودا مەركىزى قۇرۇش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، باھا شەكىللىنىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تاۋار ئوبوروتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئالاقە تورىدا كۆپ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ئامما مەبلەغ توپلاپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى يارىتىشنى قوللايدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئالاقە تورىدا كۆپلەپ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما مەبلەغ توپلاش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئالاقە تورىدا ئامما مەبلەغ توپلاش سۇپىسى كەسپىي خادىملىرى بىلەن ئالاقىلەشتۈرۈپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرغۇزۇپ، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ، قاراتمىلىقى بولغان مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى ئېچىپ، ئالاقە تورىدا ئامما مەبلەغ توپلاپ يۈرۈشلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىدۇ؛ تۈرلۈك ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپپارات تەسىس قىلىشىغا، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۇل مۇئامىلە جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» ئېلان قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىش، مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈشى قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

  قايتا نەق پۇل تولۇقلىما بېرىش، قايتا قەرز بېرىش ۋە دائىملىق قەرز بېرىشكە قولايلىق يارىتىش سوممىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش پائال قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت مەبلىغىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى بىلەن بولغان ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو خەلق بانكىسى باش بانكىسىغا قايتا نەق پۇل تولۇقلىمىسى بېرىش، قايتا قەرز بېرىش، دائىملىق قەرز بېرىشكە قولايلىق يارىتىش سوممىسىنى كۆپەيتىشكە پائال ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ.

  2015 - يىللىق شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈش تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ. جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش فوندى كەسپىي جەمئىيىتى، شېنجېن ئاكسىيە بېرژىسى ۋە جۇڭشىن ئاكسىيەسىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشنىڭ مەزمۇنى، پىرىنسىپى، ئەمەلىيىتى، قانۇن قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلىق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىلىرى، بانكا، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ۋە ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەپ، جايلاردىكى پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارغا يېڭى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالى ۋە ئۇسۇللىرى ئىگىلىتىلىدۇ.

  ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئاكسىيە بېرژىسى ۋە «يېڭى 3 - بۆلەك»نىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش، تاختاي ئېسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭدا ئاز سوممىلىق قايتا قەرز بېرىدىغان شىركەتلەر قۇرۇلىدۇ. شىنجاڭدا ئاز سوممىلىق قايتا قەرز بېرىدىغان شىركەتلەرنى قۇرۇشتىكى ۋىۋىسكا ئېسىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، خېرىدارلارنى تاللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان شىركەتلەردە كەسىپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى رەنىگە قويۇش، قەرز بېرىشكە كېپىل بولۇش سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلىنىدۇ. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قەرز كاپالىتى سۇغۇرتا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. بانكا ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى، قەرز كاپالەت سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان ۋاسىتىلەرنى پائال تەتقىق قىلىپ، «ھۆكۈمەت + بانكا + سۇغۇرتا»دىن ئىبارەت كۆپ تەرەپ قاتناشقان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، خەۋپنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشتەك ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر