باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئاۋازى» ئىستۇدېنتلار دىكتور-رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.04.29 22:06   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئاۋازى» ئىستۇدېنتلار دىكتور-رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە كەڭ ئىستۇدېنتلارغا دىكتور-رىياسەتچىلىك جەھەتتە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئاۋازى» ئىستۇدېنتلار دىكتور-رىياسەتچىلىك مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى تاللاش مۇسابىقىسى 25-ئاپرېل ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بولۇپ، جەمئىي 134 نەپەر ماھىر قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ماھىر تىزىملاش ۋاقتى 2015-يىل 17-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جەمئىي 150 نەپەر ماھىر نەق مەيدانغا كېلىپ تىزىملاتقان.

  نۆۋەتتە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر ماھىرنىڭ نەق مەيدان فىلىمى جىددىي كىرىشتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، كىرىشتۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە تورى، شۇنداقلا ئىككى تور بېكەتنىڭ ئۈندىدار سۇپىلىرىدا بېلەت تاشلاش باسقۇچى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەكلىپلىك ئۈچ باھالىغۇچىنىڭ ھەر بىر ماھىرغا قويغان ئوتتۇرىچە نومۇرى بىلەن بېلەت سانى نىسبەتلەشتۈرۈلۈپ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ. دەسلەپكى مۇسابىقىدا تاللانغان ماھىرلار ماينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ