باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.04.29 21:54   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

2015- يىللىق ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

  2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 28-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىباتلىق باشقارمىسى، سودا ئىشلىرى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2015-يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسى 12-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، 2015-يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ خۇەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئەمەلىي قولغا كەلتۈرۈلگەن تاشقى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق سوممىسى 23 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق ئىدىيەسىگە ئاساسەن، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە ئاسىيا-ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، ئورتاق تەرەققىيات پۇرسىتىنى يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ۋە ئاكتىپ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 2015-يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن خېرىدار چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش خىزمىتى خەلقئارالاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىش نىشانى بويىچە جىددى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايون ئاسىيا -ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىسلاھاتىدىكى ئۆزگىرىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، 2015-يىللىق تاۋار تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى، شۇڭا بىز شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە، خەلقئارالىق تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كەسپىي تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىباتلىق باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، 2015-يىللىق تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى تەشكىللەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىڭيۈەن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى : 2015-يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى « يىپەك يولى تاۋار سودىسى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش، ئاسىيا-ياۋروپا كەسىپتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ››، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە « ئاز، نەپىس، مەخسۇس » بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆگەزمىسى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى قول ھۈنەر بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى نەپىس بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ۋە چېگرا سىرتى نەپىس بۇيۇملار كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەر تەسىس قىلىنىدۇ.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيا گويوڭ مۇخبىرلارغا شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرلىغان ئەۋزەللىكلەرنى ھەمدە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كۆرگەزمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

  شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودىسى كۆرگەزمىسى تەشكىللەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپ چى ۋېنجيې 2015-يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى ۋە يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى تونۇشتۇردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 2015- يىللىق ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى تەشكىللەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى نى رۇچى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  49 ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ھەمدە سودا-سانائەت، كارخانا قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 70 دىن ئارتۇق ئادەم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ