- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خىزمەت گۇرۇپپىسى بىمارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى
2015.04.28 16:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن سوخۇ يېزا ئازاتلىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنىتتىكى 30 دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان خەيرىگۈل ئەركىنگە 15 مىڭ يۈەن ئاپىرىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى .
ئىگىلىنىشچە ، خەيرىگۈل ئەركىن بۇ يىل 2 – ئايدا كۆكرەك ئۇمۇرۇتقىسى تىبىركىلىيۇز كېسىلى بىلەن بايىنغۇلىن ئوبلاستىلىق دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ . دوختۇرلار ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ، دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىشنى ، بۇنىڭغا 8000 يۈەن تاپشۇرۇشنى ئېيتىدۇ . ئەسلىدىنلا ئائىلە ئىقتىسادىي تۈۋەن خەيرىگۈلگە بۇ پۇلنى تاپشۇرۇش بىر غەم بولىدۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كەنىتتىكى « ئۈچ ئەل » خىزمەت گۇرۇپپىسى دەرھال ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ 10 مىڭ يۈەن ھەل قىلىدۇ . ھەمدە ، 4 – ئاينىڭ 23 - كۈنى كەنىتتىكى ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ 5000 يۈەن ئىئانە توپلاپ ، شۇ كۈنى 300 كېلۇمىتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ ، 15 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى خەيرىگۈلگە تاپشۇرۇپ بېرىپ ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ . بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن خەيرىگۈل كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ : « خىزمەت گۇرۇپپىسى مېنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىللىرىم ، ئۇلار بولمىغان بولسا ھاياتىمغا ئېغىر خەۋىپ يېتەتتى . پارتىيەگە رەخمەت ! » دىدى .
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر