- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەشمە يېزىسىدا كەلكۈن ئاپىتىگە خاتىمە بېرىلدى
2015.04.28 16:43 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ ئەشمە يېزىسى تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، ھەر يىلى يېزا ئىگىلىگى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر دەرىجىدىكى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچىراپ تۇراتتى . ناھىيە بۇ خىل ئەھۋالنى تۈپتىن تۈگۈتۈش ئۈچۈن ، ئۇنى « خەلق تۇمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلىشى » قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئەشمە ئېقىنىنى ئونۋىرسال تۈزەش قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىپ ، كەلكۈن ئاپىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشكە ئاساس سالدى .
بۈگۈر ناھىيەسى ئۆتكەن يىلى 22 مىليۇن 740 مىڭ يۈەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، مەركەزنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىدىن 18 مىليۇن 190 مىڭ يۈەن ، يەرلىك مالىيەدىن 4 مىليۇن 550 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، يىللاردىن بۇيان كەلكۈن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاپەتنى تەلتۈكۈس تۈگۈتۈش ئۈچۈن ئەشمە يېزىسىنىڭ غول ئېقىنىنى ئونۋىرسال تۈزەش قۇرۇلىشىنى قانات يايدۇردى . بۇ قۇرۇلۇش شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا پۈتكەن ئىدى .
نۆۋەتتە ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسىسلەر قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالدى ۋە رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇردى . بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ، بىر تەرەپتىن ، ئەشمە يېزىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى غول ئۆستەڭنى مۇستەھكەملىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، تۈۋەنكى ئېقىمىدىكى 35 مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنىڭ سۇغۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى توسۇش ۋە 3800 ئادەمنىڭ كەلكۈننىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلۇپ ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ، بۇ يېزىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى كەلكۈندىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى تولۇق ئەمەلگە ئاشتى .
بۈگۈر ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، رادىيۇ – كىنۇ – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر