- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى 234 كادىر مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ
2015.04.08 16:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2015 – يىللىق غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 234 كادىر كۇرسقا قاتناشتى.
ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، چېگرا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلارنى مەخسۇس ئۆگەندى. كۇرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار مەركەزدىكى 87 ئورگان ۋە مۇھىم، تايانچ دۆلەت كارخانىلىرىدا بىر يىل ۋەزىپە بىلەن چېنىقىدۇ.
مەركەزدىكى ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى كۇرسقا قاتناشقاندا، كۇرسانتلارنىڭ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى قەدىرلەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆز ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
غەربىي رايون ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش خىزمىتى 1990 – يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 8063 كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر