- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيەلەنگەن 2تۈمەندىن ئارتۇق كۇرسانت شىنجاڭغا قايتىپ ئىش ئورنىغا چىقتى
2015.04.07 15:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2011-يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە-شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيەلەنگەن شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 23مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى نۆۋەتتە تەربىيەلەش مۇددىتى توشۇپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە %98.75ئوقۇغۇچى سىناقتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى، يېزا قوش تىل يەسلىسى، يېزا-بازار دوختۇرخانىسى، كەنت ساقچى مۇلازىمەت ئىشخانىسى، يېزا-بازار (كوچا)لاردىكى باشقا كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانا ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، %82نى ئىگىلەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت كۇرسانتلار دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 13012نەپەر كۇرسانت جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلى سەۋىيە دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 12874نەپەر كىشى 3-دەرىجە لاياقەتلىك كېنىشكىسىىگە ئېرىشتى، ئۆتۈش نىسبىتى %98.9كە يەتتى، خېلى كۆپ كۇرسانتلار شۇ جاينىڭ قوش تىل ماھىرىغا ئايلىنىپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر