باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى شىنجاڭدا 40 مىڭ لىفىت سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ

2015.04.03 15:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى شىنجاڭدا لېفىت بىخەتەرلىك جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى ئۈلگە تۈرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى 37 مىڭ لېفىت بۇ يىل جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

  2-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى تەپتىشلەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا ھەر تۈرلۈك لېفىتتىن جەمئىي 37 مىڭى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 17 مىڭ لېفىت بار ئىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا لېفىت سانى ھەر يىلى %20 لىك ئېشىش سۈرئىتى بىلەن كۆپىيىپ ماڭغان، شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭدا لېفىت ئومۇمىي سانى 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، لېفىتلار بىخەتەرلىك جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەربىر لېفىتنىڭ ھەر قېتىملىق ھادىسىدىكى جەمئىي تۆلەم چېكى 3 مىليون يۈەن، قانۇن ھەققى تۆلەم چېكى 300 مىڭ يۈەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۆلەم چېكى 80 مىڭ يۈەن بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، سۈپەت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ يىل ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە لېفىتتىكى جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى بولغان ‹‹96333›› قۇرۇلۇشىنىڭ سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر