باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىق-كۆنەس ناھىيىسى تالدى بازىرى ئۇچتۆپە كەنتىدىكى مىرەنگۈل سىرال

2015.03.24 13:16         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆنەس ناھىيىسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، بېيىش يۇلىدا ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان، قازاق مىللىتىدىن بولغان نەچچە يۈز ئائىلە ئايالىنى باشلاپ سىرتقا يۈزلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قۇلىغا تايىنىپ، تۇرمۇشىدا يېڭىلىقلارنى پەيدا قىلغان بىر قازاق ئايال بار. ئۇ بولسىمۇ كۆنەس ناھىيىسى تالدى بازىرى ئۇچتۆپە كەنتىدىكى مىرەنگۈل سىرال.

  تالدى بازىرى ئۇچتۆپە كەنتىنىڭ كەشتىچىلىك بازىسىدا، مۇخبىر 60 يۈرۈش كەشتە تىكىش ماشىنىسىنىڭ توختىماي مېڭىۋاتقانلىقى، رەڭلىك ئاسما بويۇملار، گۈللۈك كىگىز، گۈللۈك كۆرپە، گۈللۈك دوپپا، جىلىتكە، ئۆي زىننەت بويۇملىرى قاتارلىق مىللىيچە كەشتە بويۇملىرى قازاق ئاياللىرىنىڭ ئەستايىدىل مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە تىكىپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ بويۇملار ھەقىقەتەن بەك گۈزەل. پۈتۈن دىققىتى بىلەن كەشتە تىكىۋاتقان ناقىرا بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ كۈنلىرى بەكمۇ ئالدىراش ئۆتىدىغان بولدى. ئۇ كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلەپلا قالماستىن يەنە ئۇستىلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇ ھەر ئايدا 1500 يۈەن كىرىم قىلاتتى. كەنت ئاھالىسى ناقىرا مۇنداق دېدى: مىرەنگۈل مۇئەللىم بىزگە بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. تىخنىكىنىمۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۈگىتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن بۇ تېخنىكىنى يەنىمۇ تىرىشىپ ئۈگىنىمىز.

  بۇيىل 45 ياشقا كىرگەن مىرەنگۈل كۆنەس ناھىيىسىدە بىر ئادەتتىكى چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ئارقىلىق، كەشتىچىلىك تېخنىكىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، كەشتە بويۇملىرىنى تەييارلاپ، كۆپچىلىك ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆنەس ناھىيە بازىرىدا سېتىش نوقتىسىدىنمۇ بىر قانچىنى قۇردى. مىرەنگۈل تېخىمۇ كۆپ ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ بىيىشى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە ئۇ ئۆزلىرىگە يېقىن 3 كەنتتىكى 160تىن كۆپرەك ئائىلە ئايالىنى ھەقسىز تەربىيىلىدى. 60 ئايال كەشتىچىلىك ماھىرى بولۇپ قالدى. مىرەنگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەشتىچىلىك بازىسى تېخنىكىنى تەدرىجىي يېڭىلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى بازارنى تەدرىجىي كېڭەيتىدۇ. بۇ يىل مەن كەنتتىكى ئاياللار تىككەن كەشتە بويۇملىرىنى ئېلىپ قازاقىستاندا بازار ئاچماقچى. مەن مەھسۇلاتلىرىمىزنى تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە سېتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر