باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ۋە مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان

2015.03.24 13:14         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ۋە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ۋە مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى- سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئورۇنلار 3 يىل كۈرەش قىلىپ، چۇقۇم نەتىجىگە ئېرىشىش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى بىلەن، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر ۋە مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر بەرپا قىلىشتا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىپ، بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل يۈرت- ماكان، گۈزەل مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك بويىچە مەدەنىي شەھەر بولۇشقا ئىسمىنى ئاتاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن شەھەر» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن قاتارلىق رەھبەرلەر سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر