باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

2015.03.12 13:48         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئېلىمىز 1999- يىلى قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىلىشىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ئېشىپ بارماقتا. مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى ياشانغانلار 200 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خۇاڭ چاڭيۈەن مۇنداق دېدى: ھەر يەرنىڭ شەرت- شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، شەھەر -يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىيلاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سىستىمىسى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستىمىسنىڭ قۇرۇلۇشى-- تېزدىن قۇرۇپ چىقىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بىر جەريان ھىساپلىنىدۇ. قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويدۇق. ئەمما بىزنىڭ ياشانغانلار كاپالەت سىستىمىمىز يەنىلا ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىجتىمائىيلاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سىستىمىسى بەرپا قىلىپ، ياشانغانلار ئۈچۈن «يوچۇقسىز» مۇلازىمەت قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىشىمىز كېرەك.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شۈ ۋېيشى مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۆيلەردە ياشانغانلارنى كۈتۈش كېرەك. مەھەللە بىلەن ئائىلە بىزنىڭ ئەڭ ئاساسىي ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىمىز. داۋالاش بىلەن سەھىيە ئىشلىرىنى ئۆيلەرگىچە ئۇزارتىپ، ئۇلارنى دورا يىيىش، چوڭ- كىچىك كېسەللىرىنى داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ كاپالىتىمىز. مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ياشانغانلارنى ئۆيلەردە ئوبدان كۈتۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئاندىن پاراۋانلىق خاراكتىرىدىكى ھاۋالىلىك ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى، ياشانغانلار مەھەللىسنى قۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ ھۆكۈمىتمىز ۋە جەمئىيىتىمىز ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئىلزات زادە مۇنداق دېدى: زور ھەم ئېشىش سۈرئىتى تېز بۇلىۋاتقان ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ زور بولىۋاتىدۇ. بۇ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇھتاج. بۇنىڭغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ماس تەدبىر قوللىنىش كېرەك. قانۇنىي جەھەتتە، ئىجتىمائىي ئەخلاق جەھەتتە، خەلق ئىشلىرى بويىچە قۇتقۇزۇش، داۋالاش كاپالىتى، مەبلەغ تەقسىملەش جەھەتتە، مۇكەممەل سىستىما بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر