- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى چىقاردى
2015.03.08 17:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 7-مارت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى ئېلان قىلدى.
يېڭى تەدبىر ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلىنى تەڭشەش، باسقۇچقا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش(ئۆزگەرتىش)، پۈتۈنلەي تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇش ئىسلاھاتى ۋە تۈركۈم بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەش، نامرات ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەش، ئانا تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا نومۇر چېكى سىياسىتىنى تەڭشەش، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئېنگىلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىشنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم چىقىرىلغان يەتتە تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات تەدبىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق تۇنجى يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىپ قارار قىلىنغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت «گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھاننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ناچار خائىشلارنى قاتتىق تۈزەشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر