- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى: شىنجاڭنى ئەڭ پاكىزە جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز
2015.03.07 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ چاقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى يەنە ئەڭ ئاۋات تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، مۇھىت بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش، سۇ بۇلغىنىشىنى تۈزەش، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە قوللانغان تەدبىرلەرنى كۆپچىلىك قىزغىن مۇلاھىزە قىلىشتى. 6-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مۇھىي ئاسراش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا، شىنجاڭدا بىر قاتار تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇقىم قەدەمدە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك قوغداپ ۋە ياخشىلاپ شىنجاڭنى ئەڭ پاكىزە جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق مۇھىت مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى، 2014-يىلى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسى 2-دەرىجىلىك ئەلا ھاۋا سۈپىتىدىن ياخشى بولۇش نىسبىتى %73.4 بولدى. ئالتاي، چۆچەك، بورتالا، قاراماي، غۇلجا، شىخەنزە، سانجى، شىخۇ، فۇكاڭ، ۋۇجياچۈ قاتارلىق 10 شەھەرنىڭ يىللىق ھاۋا سۈپىتى دۆلەت ئىككىنچى دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، ھاۋا ياخشى كۈن سانى 2009-يىلىدىكى 262 كۈندىن 2014-يىلىدىكى 310 كۈنگە يەتتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر