باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.03.07 09:59   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايون «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

  6-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، داغدۇغىلىق ھالدا «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 105 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىرلەش يىغىنى ۋە «ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش»تېمىسىدىكى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھۆرىگۈل جاپپار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزىۋان ئەبەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ خۇا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خوۋ خەنمىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئەركىن تۇنىياز شۇجى جاڭ چۈنشيەن، رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىدىن ھال سوراپ ئۇلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ھەمدە ئاياللار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە قوللاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكىلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «2015-يىلى ‹12- بەش يىل›لىق پىلان خۇلاسىلىنىدىغان يىل، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر يىل، قانۇن بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلىشنى باشلاش يىلى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق يىلى». ئۇ يەنە ئايال قېرىنداشلاردىن كۈتىدىغان تۆت ئۈمىدىنى ئوتتۇرغا قويدى: «بىرىنچى، ئېقىمغا ئەگىشىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇش، ئارزۇ-ئېتقادى مۇستەھكەم زامانىۋى ئايال بولۇش؛ ئىككىنچى، بۇرچنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقا تىرىشىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەتچان ئايال بولۇش؛ ئۈچىنچى، مەدەنىيلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەل ئەخلاقنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان نەمۇنىلىك ئاياللاردىن بولۇش؛ تۆتىنچى، ئىرادىلىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىگىلمەس ئىرادە بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئىرادىلىك، تۆھپىسى بار ئاياللاردىن بولۇشقا تىرىشىش لازىم.» ئۇ يەنە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە تەشكىل قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ھالدا، ئەقىل ۋە كۈچىنى بىر يەرگە توپلاپ، تەرەققىي تاپقان، باي، ئىناق ۋە گۈزەل بولغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئۆتكەن يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 459800 ئادەم، ۋەتەنگە قايتىپ كە…
      ·ئەزا جۇڭ بىڭلىن: ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالس…
      ·14 ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ
      ·ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى توغرىسىدا
      ·ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتوتىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
      ·مائارىپ سىپىدىكى ھارماس باغۋەن