باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق «تەڭرىتاغ ئالىملىرى يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانى» نى ئاشكارىلىدى

2015.03.06 13:23         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تۈنۆگۈن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق «تەڭرىتاغ ئالىملىرى يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانى» نى ئاشكارىلىدى. ئىگىلىنىشىچە، 3- تۈركۈمدىكى «تەڭرىتاغ ئالىملىرى» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 ئالىي مەكتەپتىن 30 پەن تۈرى بويىچە تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

  «تەڭرىتاغ ئالىملىرى پىلانى» ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىن يولغا قويغان نۇقتىلىق ئىختىساس ئىگىلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، 2012- يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشتى. ھازىرغىچە، ئىككى تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ «تەڭرىتاغ ئالىمى» لىقىغا تەكلىپ قىلىنغان 164 «تەڭرىتاغ ئالىمى» ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇردى. ئاپتونوم رايون 2015- يىللىق «تەڭرىتاغ ئالىملىرى يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش پىلانى» نى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، بۇ يىللىق پىلاننى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ساھە، تايانچ كەسىپلەردىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان جىددىي ئېھتىياج بويىچە تەڭشىگەن. مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىلىرى خىزمىتىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەرتىپ بويىچە ئاشكارە ئېلان قىلىش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش قاتارلىق تەرتىپلەر 6- ئايدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر