باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاقىدار رەھبەرلەر ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ماس قەدەمدە تەكشۈردى

2015.03.06 13:22         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۆگۈن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئەترەت باشلاپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ماس قەدەمدە تەكشۈردى.

  تۈنۆگۈن چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم قاتارلىق رەھبەرلەر ئەترەت باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە پانۇس بايرىمى ۋە «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئەسىر جىنخۇا دەۋر مەيدانى، خۇالىڭ بازىرى، قىزىلتاغ يولى ماي قاچىلاش مەركىزى قاتارلىق مەيدان، سورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھەر قايسى مەيدان- سورۇنلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش يولى، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزىنىڭ راۋانلىق ئەھۋالى، ئىمارەتلەردىكى ئاپتوماتىك ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ مۇكەممەللىك ئەھۋالى، ئوت مۇداپىئە كونترول ئىشخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ۋە خادىملارنىڭ «4 خىل ئىقتىدار» نى ئىگىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئەسىر جىنخۇا دەۋر مەيدانى بىلەن خۇالىڭ بازىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قېلىپى، ئوت مۇداپىئە كونترول ئىشخانىسىدىكى نۆۋەتچى خادىملارنىڭ كىنىشكا ئېسىپ ئىش ئورنىغا چىقىش، جىددىي ئەھۋالدا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىگە پىششىق بولۇش قاتارلىق چارە- تەدبىرلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە مەيدان- سورۇنلاردىكى ھەر دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىدىن بىخەتەرلىكنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىشنى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە دائىم تەربىيلەپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەردە بەلگىلىك دەرىجىدە ئوت ئاپىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش، ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشنى؛ «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ئىچكى قىسمىدا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە چارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخ ھالىتىدە يۇقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر