- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ۋە شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
2015.03.06 13:17 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ۋە شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتى مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خەن يۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى-- ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىپىسى.» دىگەندە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ھەقىقى تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ مەركەزلىك ۋە بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق تۈردە قوغدىشى كېرەك.
خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: 4نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتەك ئىستىراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش؛ بۇ يىلقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «ئەل راينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
خەن يوڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ بەنزىلەر، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيىنىڭ مەركەزلىك ۋە بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنىڭ راۋان بولۇشى، بۇيرۇقنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىىشغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلىرى كوللىكتىپنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم ۋە پارتگۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق ئورنىنى ئوبدان گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيىلىك كادىرلار پارتىيىنىڭ مەركەزلىك ۋە بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك پارتىيىۋىلىك ئېڭى، سىياسىي ئاڭ ۋە تەشكىلىي كۆز قارىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، پارتىيە بىلەن باشتىن- ئاخىر بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇشى ۋە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
121- قارارلىق ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى، 37- قارارلىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى، ھاكىم ۋە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك پارتىيە سىرتىدىكى رەھبىرى كادىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى قاتارلىق 6 كۇرس، نەزەرىيە ئاسپىرانتلار كۇرسىدىكى بارلىق كۇرسانتلار شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ۋە شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر