- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچىدە شەخسلەرنىڭ تورالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى رەسمىي تۆۋەنلىتىلدى
2015.03.04 13:57 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە شەخسلەرنىڭ تورالغۇ جامائەت جۇغلانما فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى رەسمىي تۆۋەنلىتىلدى. 5 يىل ئىچىدىكى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ، 3.75 پىرسەنتتىن 3.5 پىرسەنتكە تەڭشەلدى. 5 يىل ئىچىدىكى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ، 4.25 پىرسەنتتىن 4 پىرسەنتكە تەڭشەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە تورالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلى بىلەن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئايدا تاپشۇرىدىغان قەرز يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر