- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ BRT6 - لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن
2015.03.04 13:57 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتنىشى تۈرى تەتقىقات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ BRT6 - لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن. BRT6- لىنىيەسى شىمالدا مىچۈەن- كۆكتاغنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدىن باشلىنىپ، 2- ئايلانما يولى، دۆلەت قۇرۇش يولى، ئوتتۇرا فۇچيەن يولى، جەنۇبىي داۋشياڭ يولى، جەنۇبىي مىچۈەن- كۆكتاغ يولى، شىمالىي يېكەنكۆل يولى ئارقىلىق ئاخىرقى بېكەت شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىگە تۇتىشىدىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 23 بېكەت تەسىس قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە كونكرېت بېكەت نامى، بېكەت ئورنى تېخى بېكىتىلمەپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر