- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەسەۋۋۇر-- چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ--كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى
2015.03.04 13:51 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
3- ئايدىكى باھاردا، قۇياش ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا سەپمەكتە ئىدى. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېزا-، كەنت يوللىرىدا پىيادە ماڭغىنىڭىزدا گەرچە ئارزاق سوغۇق بىلىنسىمۇ، لېكىن يۇرتداشلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى توسۇپ قالالمايتتى. 450 مىڭ ئاھالىسى بار غۇلجا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى، نوپۇسى كۆپ ناھىيە ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم ناھىيە ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىل غۇلجا ناھىيەسى يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى چوڭ ناھىيە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. غۇلجا ناھىيەسىدە سانائەت كارخانىلىرى ئاز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى تار بولسىمۇ، قانداقسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى چوڭ ناھىيە بولالىدى؟ غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك قانداق چارە- تەدبىرلىرى بار؟
مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى ئەتىگەندىلا، موللاتوختىيۈزى يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى ئۇگۇڭ كەنتىدىكى خۇيزۇ ياش دىڭ خەيفېڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا سىرتقا تىجارەت ئۈستىدە كېڭىشىشكە ماڭدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، ئۇ ئىشلەپچىقارغان يېقىلغۇ كۆمۈرلۈك مەش، سەنئەتلىك تۆمۈر ئىشىك، قول ھارۋىسى، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق 20 نەچچە تۈرلۈك مەھسۇلات غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا، بازارلادا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. 3 يىل بۇرۇن، ئۇ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىكار تەلەپ ياش ئىدى. دىڭ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: 3 يىل بۇرۇن ھېچنېمىنى قىلالمايتتىم، كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم. بۇلتۇر 20 خىلدىن كۆپرەك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، 400، 500 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم.
دىڭ خەيفېڭ تىلغا ئالغان كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش- غۇلجا ناھىيەسىنىڭ 2010- يىلى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك قىش پەسىللىك ئەمگەك كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلىشىنى كۆرسىتىدۇ. دىڭ خەيفېڭ 4 ئاي ئۆگىنىش ئارقىلىق، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىدى. ئۇ 8 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆز ھويلىسىدا كىچىك تىپتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش دۇكىنى قۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يەنە تېخنىكا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەنگەن 10 نەچچە دېھقان، چارۋىچىنى قوبۇل قىلدى. بۇ بىر قانچە يىلدا، غۇلجا ناھىيەسى مەۋقەنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، «تەربىيەلەشنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، تەرەققىياتنى كۆزلەش» يېڭى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر يىلى 6 مىڭ ئادەم تەربىيەلەپ، 5 يىلدا جەمئىي 30 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. 4 تەربىيەلەش نىشانىنى، يەنى كەسپىي ئىشچىلارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا ماھىرلىرىنى تەربىيەلەش، ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت قابىللىرىنى تەربىيەلەشنى بېكىتتى ھەمدە تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلاردىن بىردەك ھەق ئالمىدى. 5 يىلدىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى جەمئىي 26 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان، چارۋىچىنى تەربىيەلىدى، 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك كۇرسانت كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. كۇرسانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غۇلجا ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارغا قارىتا باج- ھەقلەرنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۆلەك بولۇش مەبلىغى قاتارلىق يۆلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاشتەك ياخشى مۇھىتنى شەكىللەندۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ 3 يىلدا، غۇلجا ناھىيەسىدە يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى جەمئىي 255 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك يۆتكىلىپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يىلىغا 350 يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇنىڭ ئىچىدە، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 36 پىرسەنتكە يەتكەن. غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىشىڭ كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەشنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇنداق دەپ يەكۈنلىدى: كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ. يېزا ياشلىرى ئارىسىدا لاغايلاپ يۈرىدىغانلار ئازىيىپ، تېخنىكا ماھارەت ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. تەربىيەلەش يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ياشلارنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزام قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىدىن يېراقلاشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر