- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتۇتىغا ئۈرۈمچىدە ۋېۋىسكا ئېسىلدى
2015.03.03 14:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتۇتىغا ۋېۋىسكا ئېسىش مۇراسىمى شۇنداقلا تۇنجى قارارلىق تەربىيلەش سىنىپى 2-فېۋرال ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەمەلدارلار «ئىقتىسادىي كارىدورنى ئېچىش» ۋە «يەر شارىلاشقان قىممەت زەنجىرى»نى ئاساسىي تېما قىلغان تەربىيەلەشكە قاتناشتى. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستىتۇتى ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، پاكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبىكىستان قاتارلىق 10 ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەزالىرى بىرلىكتە قۇرغان بىلىم ھەمكارلىق ئاپپاراتى. 2013-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىنىستىتۇتنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇش ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر