باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلىلىق ئەر 14 يىلدا يول يۈزىدىكى مۇزنى تازىلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى

2015.02.10 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غەنىي كەشىپ قىلغان مۇزنى يېرىپ قار تازىلاش ماشىنىسىكەڭلىكى 3 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4.5 مېتىر كېلىدىغان، 63 تال پولات تىغلىق «تۆمۈر كاللىكى»نىڭ يولدىن ئۆتۈشى بىلەن تۆت سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز قاتلىمى شۇ ھامان مۇز قىرىندىلىرىغا ئايلىنىپ يولنىڭ ئوڭ تەرىپى پاكىز تازىلاندى. بۇ دەل شىنجاڭ كورلىلىق شەھەر ئاھالىسى غېنى ئاۋۇت 14 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كەشىپ قىلغان مۇزنى يېرىپ قار تازىلاش ماشىنىسى.

  9-فېۋرال، مۇخبىر غېنى ئاۋۇت بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋاقىتتا ئۇ مۇزنى يېرىپ قار سۈپۈرۈش ماشىنىسى بىلەن 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان ئىكەن.

  بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن غېنى ئاۋۇت كورلا شەھىرىدىكى بىر كارخانا ئىشچىسى بولۇپ، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەن ئۇ 2001-يىلىدىن باشلاپ ئۆزى قول سېلىپ مۇزنى يېرىپ قار تازىلاش ماشىنىسىنى كەشپ قىلىشنى باشلىغان. «قىش كىرسىلا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يول يۈزىنى ناھايىتى ئاسان مۇز تۇتۇپ، ناھايىتى ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا مەن مۇزنى يېرىپ قار تازىلاش ماشىنىسى كەشىپ قىلدىم»دېدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ت. ئا. ئەركمان

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر