- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مودەنگۈل بايرىمى رەسمىي باشلاندى
2015.02.10 14:10 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مودەنگۈل بايرىمى تۈنۈگۈن سائەت 10دا رەسمىي باشلاندى. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى مودەنگۈل بايرىمىدا 8 يۈرۈشتىكى 40 خىلدىن ئارتۇق 1مىڭ 500 تەشتەك مودەنگۈل كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، پائالىيەت 3- ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئەسلىدە 5- ئايلاردا ئېچىلىدىغان مودەنگۈل ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق، پەسىلسىز ئېچىلىدىغان بولدى. شەھەر ئاھالىلىرى مودەنگۈلىنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھىر ئالالايدىغان بولدى. ئاھالىلار يەنە «مودەنگۈلنىڭ پەسىلسىز ئېچىلىشى-- پات ئارىدا يىتىپ كىلىدىغان چاغانغا بەخت- سائادەت ۋە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ.» دىيىشتى.
كۆرگەزمىگە قويۇلغان مودەنگۈللەر: داڭلىق مودەنگۈل، ئاز ئۇچرايدىغان مودەنگۈل، چەتئەل كىرگۈزۈلگەن مودەنگۈل، دائىم ئۇچرايدىغان مودەنگۈل دەپ 4 دەرىجىگە بۆلۈندى. بۇنىڭ ئىچىدە، سېرىق، يېشىل، قىزىل ئېچىلغان مودەنگۈللەر كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر