- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەركىنجان تۇراخۇن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەندى
2015.02.05 13:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن،تارباغاتاي ۋىلايىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ،ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېت كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قارارىنى ئېلان قىلدى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يوڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،مەمۇرىي مەھكىمە مەخسۇس خادىمى سارقىت ئاقان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەركىنجان تۇراخۇن تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلەندى.جاڭ بو تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجى ۋە ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر