باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى بويىچە ھەق يىغىشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

2015.02.05 11:15         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى بويىچە ھەق يىغىشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە قارىتا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان خوجىلىق باشقۇرۇش چارىسى 2013- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن باشقۇرۇش چارىسىغا يەنە قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  كونا باشقۇرۇش چارىسى بىلەن يېڭى باشقۇرۇش چارىسىنى سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن باشقۇرۇش چارىسىنىڭ 31 ماددا بار بولۇپ، كونا باشقۇرۇش چارىسىدا 29 ماددا بار ئىدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن چارىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا-- خوجىلىق مۇلازىمىتى بويىچە ھەق يىغىش مۇۋاپىق دەرىجىدە قۇيۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆيلەردە يەنىلا ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قۇيۇلىدۇ، ئادەتتىكى ئولتۇراق ئۆي بولمىغان شۇنداقلا ئولتۇراق ئۆيگە تەۋە بولمىغان تۇرالغۇلاردا، خوجىلىق مۇلازىمىتى بويىچە ھەق يىغىش تۈرلىرىدە باھا بازار باھاسى بويىچە تەڭشىلىدۇ. يېڭى بەلگىلىمىدە ئالاھىدە قىلىپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى: بەزى ئولتۇراق ئۆي ئاھالىلەر رايونىنىڭ مۇلازىمەت تەننەرخى ئولتۇراق ئۆي خۇجىلىق مۇلازىمەت ئۆلچىمى» بويىچە 4- دەرىجىلىك خۇجىلىق مۇلازىمەت دەرىجە ئۆلچىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر باھا ئاساسىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆي- جاي- مۈلۈك مەمۇرىي جەھەتتىن ئاساسىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم ھالدا يېتەكچى خاراكتىرلىك ھەق يىغىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر