باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«راۋان ئاپتوموبىل» ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى فىلىمىنىڭ تۇنجى كۆرسىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2015.02.03 14:19         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2015- يىللىق چاغانلىق ئۆيىگە قايتىشتىكى راۋان ئاپتوموبىل» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى شۇنداقلا «راۋان ئاپتوموبىل» ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى فىلىمىنىڭ تۇنجى كۆرسىتىلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن (2.1) ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. «چاغانلىق ئۆيىگە قايتىشتىكى راۋان ئاپتوموبىل» مەملىكەت خاراكتىرلىك جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتى ئۇدا 3 يىل ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇنجى قېتىم ئويۇشتۇرۇلدى.

  «2015- يىللىق چاغانلىق ئۆيىگە قايتىشتىكى راۋان ئاپتوموبىل » پائالىيىتى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغانلاردىن ئاپتوموبىلىدا بوش ئورۇن بولغانلار بىلەن چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا بىلەت سېتىۋېلىشى قىيىن بولغانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋە يولۇچىلار سۇپىسى بولۇپ، راۋان ئاپتوموبىل تۆمۈريول، خەلق ئاۋىئاتسىيە ۋە تاشيولدىن باشقا 4- تۈردىكى چاغان مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتىش ئۇسۇلى ھىسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېھرىبان ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بىلەن راۋان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرماقچى بولغانلار ئۈندىدار جامائەت نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، راۋان ئاپتوموبىل تور پونكىتىغا كىرىپ، APPنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر تۈر مۇلازىمىتىگە قاتنىشالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئىسمى دەلىللەنگەندىن كېيىن، قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئىككى تەرەپكە ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پائالىيەتتە «ھەقىقىي ئىسمىنى دەلىللەش، كېلىشىم ئىمزالاش، سۇغۇرتا تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەش» يولغا قۇيۇلۇپ، راۋان ئاپتوموبىل شوپۇرى بىلەن يولۇچى 100 مىڭ يۈەنلىك كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ ھەمدە «راۋان ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇش كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە كېلىپ چىقىدىغان ماجرالارنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، «راۋان ئاپتوموبىل» فىلىمى «راۋان ئاپتوموبىل» نى يولغا قويغۇچى ۋاڭ يۇڭنىڭ يولۇچىلارنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ھەقسىز توشۇغان ھىكايىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىم 2-ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلىمىزدىكى 30 شەھەردە تەڭ كۆرسىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر