باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇرئاپتونوم رايونىمىز بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش پىلانىدىكى 668 مۇھىم تۈرنىڭ 559 نى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان

2015.02.02 13:22         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش پىلانىدىكى 668 مۇھىم تۈرنىڭ 559 نى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان بولۇپ، تۈرنى تاماملاش نىسبىتى %83.7 كە يەتكەن.

  بۇنىڭدا، 13 مىليون 460 مىڭ كىلوۋاتلىق گېنىراتورلار گورۇپپىسىنىڭ گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش ئەسلىھەسىدىن 79 ئى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن. گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكى %33 دىن %89 كە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 4 مىليون 160 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان گېنىراتورلار گورۇپپىسىنىڭ نىتراتسىزلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىدىن 23 ئى يېڭىدىن ئورنىتىلغان ياكى سىغىمى ئاشۇرۇلغان. گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش ئالدىنقى يىلدىكى %92 دىن %98 كە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش قۇرۇلۇشىنى كۆپلەپ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قۇرۇلمىلارنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى يەنىلا بۇ يىل بۇ تۈرلەردىكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «12- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئومۇمىيۈزلۈك تاماملاش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر