- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ 8 ئادەم قازا قىلدى، ئالتەيلەن يارىلاندى
2015.01.27 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-يانۋار سائەت 15:15لەر ئەتراپىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق چېگرىدا ئىككى ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى، ئالتەيلەن يارىلاندى.
26-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشچە، نۆۋەتتە، قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئول خادىملار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلىۋېتىپتۇ.
دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈپ دەلىللىنىشىچە، 26-يانۋار سائەت 15:15لەر ئەتراپىدا، بىر چوڭ تىپتىكى تراكتور، 208S-لىنىيەنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ ئاقسۇ شەھىرىگە قاراشلىق چېگرىغا كەلگەندە، قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقان ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، 8 ئادەم قازا قىلغان، ئالتەيلەن يارىلانغان، ئىككى ئاپتوموبىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.
نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەقە سەۋەبى ۋە كىشىلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر