- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


7 كىلوگرام زەھەرنى ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىغا تېڭىپ يولغا چىققان گۇماندارلار ئىككى تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن قولغا چۈشتى
2015.01.27 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇماندارلار جەمئىي 20 بولاق، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 7.416 كىلوگرام كېلىدىغان خىروئىننى دالا ئاپتوموبىلىنىڭ تەگلىكىگە تېڭىپ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمەكچى بولغان. 25-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئىككى ئايدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ۋە يۈننەن ساقچىلىرى ئالاقىلىشىپ چوڭ بىر زەھەر يۆتكەش دېلوسىنى پاش قىلىپ، تۆت نەپەر گۇماندارنى تۇتقان، 7.416 كىلوگرام خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، قورغاس ساقچى تەرەپ يېقىندا مەلۇم بىرەيلەننىڭ يۈننەن كۇنمىڭدا زور مىقداردا زەھەر سېتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال يۈننەن ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدىكى غوللۇق كۈچلەرنى يۈننەنگە تاللاپ ئەۋەتىپ ئومۇميۈزلۈك رازۋېدكا قىلىشنى باشلىغان.2015-يىلى 7-يانۋار تەكشۈرگۈچى ساقچى يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن، زور مىقداردىكى زەھەرلىك بۇيۇم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىڭجياڭدىن كۇنمىڭغا توشۇلۇۋاتقاندا كۇنمىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، ئىككى تەرەپ ئالاقىلىشىپ گۇماندارلارنى ۋە زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر